باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتاپتا بىر قېتىم قالسا، قارا پىگمېنت ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى بىر ھەسسە ئاشىدىكەن

بالىلارنى ئاپتاپقا سالماسلىق كېرەك

2017.07.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېرە راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تەدرىجىي ئۆرلىمەكتە ۋە ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا، تېخىمۇ ئاسراش كېرەك. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ياكى ياش-ئۆسمۈرلەر بىر قېتىم ئاپتاپتا قالسىلا، قارا پىگمېنت ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر ھەسسە ئاشىدىكەن. ئامېرىكا «تېببىي خەۋەرلىرى تورى» ناملىق تور بېكىتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئاتا-ئانىلارغا ھاۋا ئىسسىق ياز مەزگىلدە بالىلارنىڭ تېرىسىنى قانداق ئاسراشنى ئۆگەتكەن.

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بالىلار ۋە تېرە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى شىلا فورىلاند مۇنداق دېدى: ئادەم بىر ئۆمۈر ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ بوۋاقلىق ۋاقتىدا. ئاتا-ئانىلار ھەر كۈنى ئاپتاپتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشىكى ئالدىغا، ئاپتوموبىل ئىچىگە ۋە سومكىسىنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويۇش تەلىپى بېرىلگەن، شۇنداق بولغاندا، ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشكە قولايلىق بولىدۇ. ئادەتتە، بالىلارغا ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىدىن بىرەرنى كىيدۈرۈش كېرەك، مەسىلەن، ئۇزۇن يەڭلىك يېنىك كۆڭلەك ۋە ئىشتان، كەڭ كوزىرلكىلىك دوپپا كىيدۈرۈش ۋە قارا كۆزئەينەك تاقاش كېرەك؛ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالىلارنى سالقىن جايدا تۇرغۇزۇڭ، ئەگەر ئەتراپىڭىزدا سالقىن جاي بولمىسا، كۈنلۈكنى ياكى بوۋاقلار ھارۋۇسىنىڭ لەمپىسىىنى ئېچىپ قويۇڭ؛ بالا ئالتە ئايغا توشمىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش مېيى سۈرمەڭ، يېشى چوڭراق بولغاندا، ئاتا-ئانىلار تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بالىلارغا ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش مېيى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش كۆرسەتكۈچى 30دىن تۆۋەن بولماسلىقى، ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك. سۇ ئۈزگەندە، ياكى تەرلىگەندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال بىر قېتىم ئىشلىتىش كېرەك.

  فورىلاند مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: يازدا ئىسسىق بولىدۇ، ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىشتىن باشقا، يەنە بالىلارغا كۆپ سۇ ئىچۈرۈش كېرەك. بالىلار سىرتتا ھەرىكەت قىلغاندا، ئەگەر بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ياكى كۆپ غەلۋە قىلىش ۋە تېرە قىزىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، چوقۇم دەرھال ئۆيگە كىرىپ كېتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر