باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «شام ئىسلام دۆلىتى» باغدادىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، دېدى

2017.07.12 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىبېشى ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭى باشلىقىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئىراق ئەل سۇمارىيا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» ئۆزىنىڭ موسۇلنىڭ غەربىدە تەسىس قىلغان تەل ئافەر ئاخبارات ئاپپاراتى ئارقىلىق قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ، باغدادىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، بىراق باياناتتا باغدادىنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلات ئېلان قىلىنمىغان.

  «ئىسلام دۆلىتى» 2014-يىلى موسۇل شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، باغدادى موسۇلدىكى نۇرى مەسچىتىدە ئىراق ۋە سۇرىيەدىن ھالقىغان «خەلىپە دۆلىتى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئېيتىلىشىچە باغدادى موسۇلدىن ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئىراق بىلەن سۇرىيە چېگرالىنىدىغان رايونغا يۇشۇرۇنغان.

  ئالدىنقى ئايدا رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باغدادى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن. لېكىن بۇ خەۋەرنى ئامېرىكا ۋە ئىراق تەرەپ ئىسپاتلىمىغان.

  مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىراق زۇڭلىسى ئابادى موسۇلدا، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ موسۇلدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقىنى، بۇ شەھەرنىڭ شۇ كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر