باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.07.13 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى 12-ئىيۇل ئېچىلدى، يىغىندا «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى؛ «تېز يەتكۈزۈش كەسپى نىزامى (لايىھە)»گە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە يۈزلەندۈرۈش، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىققا كۆتۈرۈش، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېڭى-كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنى ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلما، ماس، ھەمبەھىر بولۇشتەك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، سىجىل، ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلارنى بېكىتىلدى: بىرىنچى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. كارخانىلارغا ئالاقىدار گۇۋاھنامىلارنى تىزىملاش، ئارخىپلاشتۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىنى تىجارەت كىنىشكىسىگە بىرىكتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كېنىشكىسى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى بىرلا كۆزنەكتە تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش ھەم مۆھلەت ئىچىدە بېجىرىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىركەت نامىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىشىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ كارخانىلارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، تىزىملاشنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش؛ چېگرا ھالقىغان تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىر قىسىم باجغا ئالاقىدار ئىشلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە بىر تۇتاش بېجىرىش ھەم يانفون بانكىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك باج تاپشۇرۇش ئۇسۇلىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈپ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىچىك، مىكور كارخانىلار ۋە يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالاقە تورى مائارىپى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىجازەت شەرتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىش كېرەك. يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر