باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

2017.07.13 14:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قەشقەردە 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا 20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر خۇلاسىلەندى، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېڭى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 1996- يىلى مەركەز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا زور ئىستراتېگىيەلىك قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1997- يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى كادىرلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى كۆپ قېتىم مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئورۇننى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىپ، نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن 20 مىڭغا يېقىن كادىر ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى شىنجاڭغا ئاتلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. كۈنسايىن يېڭى تۈس ئېلىۋاتقان شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ئۆز قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا.

  قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ بىر قاتار نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ خالىس تۆھپىسى ۋە جاپالىق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار قارار- ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شىنجاڭغا ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىش خىزمەت فاڭجېنىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ھازىر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ داۋاملىق يول ئاچىدىغان ھالقىلىق مەزگىلگە كىردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت ئېغىر. بىز 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوشاشماي، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. «شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەش، ياردەم بېرىدىغان ۋە ياردەم بېرىلىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت قىممەتلىك تەجرىبىلەردە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەقىقىي تەتبىقلىشىمىز ھەم ئۇلارنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا چېتىلىدىغان نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرگە دەل جايىدا كۈچىشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، قېزىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سالمىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە؛ ئەلنىڭ ئەقلى توپلانسا، تاغ يۆتكىلۇر» بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر