باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو 2020-يىلىغىچە كېسەلخانا ۋىراچلىرىدىن 500 مىڭنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەيدۇ

2017.07.13 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىساسلىقلار سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدىكى بىرىنچى بايلىق. تېببىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق داۋالاش سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش جۇڭگو ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. جۇڭگو كېسەل داۋالىيالايدىغان، ياخشى داۋالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن 2020-يىلىغىچە كېسەلخانا ۋىراچلىرىدىن 500 مىڭنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەيدۇ، ئۇنىۋېرسال دوختۇردىن 150 مىڭدىن كۆپرەكىنى تەربىيەلەيدۇ.

  10-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تېببىي مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتى خىزمەت يىغىنىدا، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش تۈزۈمى داۋالاش ئىسلاھاتى ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زور تەدبىر بولۇپ، ئېلىمىزدە كىلىنىكىلىق ۋىراچلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ۋىراچلار قوشۇنىنىڭ سۈپىتىنى تەكشىلەش، داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تۈپتىن ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز زاكازلىق ھاۋالىلىق ھەقسىز تەربىيەلەش، ئۇنىۋېرسال كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى تەربىيەلەش، ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇنىۋېرسال دوختۇردىن 209 مىڭنى تەربىيەلىدى. بالىلار كېسەللىكلىرى داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىقىرىپ، ئۈچ يىلدا بالىلار كېسەللىكلىرى كېسەلخانا ۋىراچلىرىدىن 12 مىڭنى قوبۇل قىلىپ، 27 ئالىي مەكتەپنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى تولۇق كۇرسىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا مەدەت بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر