باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: زور مال-مۈلۈككە چېتىشلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

2017.07.13 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 12-ئىيۇل زور مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا چېتىلىدىغان مال-مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسى ئەرز دېلوسى، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جىنايەت ئەرز دېلوسىنى قانۇن بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئەركىن، تەرتىپلىك بازار مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ گۇيياڭدا ئېچىلغان باش پروكۇراتورلار مۇھاكىمە كۇرسىدىن ئۇقۇشىچە، يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: بازار ئىگىلىكى تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى جازالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازار ئىجازىتى، ئامىللارنى تەقسىملەش، مەمۇرىي تەستىق قاتارلىق ساھەلەردىكى پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش جىنايىتىنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق بازار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، زور مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا چېتىلىدىغان مال-مۈلۈك ماجىراسى ئەرز دېلوسى، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جىنايەت ئەرز دېلوسىنى قانۇن بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈپ، پاكىتتى ھەقىقەتەن ئېنىق بولمىغان، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولمىغان، قانۇننى تەتبىقلىشى خاتا بولغان زور ناھەق، خاتا دېلولارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاكتىپ سىگنال تارقىتىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا تەسىر كۆرسەتكەن، ئادىل رىقابەتلىشىشكە دەخلى قىلغان، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىق قىلىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىق قىلىشنى ئىدارە قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ھوقۇققا چېقىلىپ ساختا تاۋار ياساش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، نۇقتىلىق يېڭى دېلولارنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلولارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تىرىشىپ ئادىل، ھەققانىي، ئوچۇق، مۇقىم قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر