باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سەككىز دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2017.07.13 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى «خەلق» سارىيىدا سەككىز دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  ھۆرمەت قاراۋۇللىرى «خەلق» سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكى سىرتىدىكى پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەر كەينى-كەينىدىن يېتىپ كېلىپ، پەلەمپەينى بويلاپ ئۈستىگە چىقىپ، «بېيجىڭ» زالىغا كىردى. ئەلچىلەر «بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى» ئالدىدا رەت تەرتىپى بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت خېتى سۇندى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىر ـ بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بۇ سەككىز باش ئەلچى: ئالبانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېروتتا، مېكسىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېرنارد، قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇشىنوف، بوتسىۋانانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پالېي، گانانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوئاتېڭ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برانستاد، فىرانسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېن مارىس رىپېرت، كوستارىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رودرىگېس.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر