باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ئۆي سېتىۋالسىڭىز تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشكە ئايرىم ھەق تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

2017.07.13 15:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى ئۆي سېتىۋالغۇچىلار دىققەت، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ئۆيلەرنىڭ تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى خىراجىتى ئۆي باھاسى ئىچىدە بولۇپ، ئۆي سېتىۋالغۇچى يەنە ئايرىم ھەق تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 11-ئىيۇل ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتتېتى ھۆججەت ئېلان قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى ھەققىنى قېلىپلاشتۇرغان.

  ھۆججەتتە بەلگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ئۆيلەرگە تەبىئىي گاز كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى خىراجىتىنى تۈر قۇرۇلۇشىنى قىلغۇچى ئورۇن يېقىلغۇ گاز تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىغا تۆلەپ، ئۆي قۇرۇلۇشى تەننەرخى ئىچىگە كىرگۈزىدىكەن، ئۆي سېتىۋالغۇچى يەنە نورمىدىن سىرت چىقىم قىلمىسىمۇ بولىدىكەن.

  دېمەك، تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى خىراجىتى ئۆي باھاسى ئىچىدە بولۇشى، يېقىلغۇ گاز تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، ئۆي-زېمىنچىلىق كارخانىسى، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆي سېتىۋالغۇچىدىن ئۆي باھاسىنىڭ سىرتىدا تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خىراجىتى ئالماسلىقى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر