باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى ۋاقىت جەدۋېلىنى بېكىتتى:

بەش چوڭ دۆلەت سودا بانكىسى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈمى تەسىس قىلىدۇ

لى خاۋ

2017.07.17 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن تارتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈمى ۋېۋىسكا ئاسقىچە، بەش چوڭ دۆلەت سودا بانكىسى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى ئاي يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلدى.

  لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، چوڭ سودا بانكىلىرىدىن 2017-يىلى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈمى تەسىس قىلىشنى ئوچۇق تەلەپ قىلدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا- ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ دۆلەت سودا بانكىسى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈمى تەسىس قىلىشنىڭ كونكىرت لايىھەسىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويغان، باش بانكا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كەسپىي بۆلۈمىگە رەسىمىي ۋېۋىسكا ئاسقان.

  جامائەتچىلىك مۇنداق باھا بەردى: «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈمى پات ئارىدا بانكىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمە بەلگىلىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلار، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ھەل قىلىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھەمىشە چوڭ كارخانىلارغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، كىچىك كارخانىلارغا سەل قارىسا بولمايدۇ، شۇنداقلا ياخشى كۈنلەردە يېنىدىن كەتمەيدىغان، يامان كۈنلەردە بىرسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ئەھۋال بولسا تېخىمۇ بولمايدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى دائىمىي يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى ۋە ئىمكانىيەتلىك ئېرىشىشىنى ئۆستۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى ئۈنۈملۈك قوللاش كېرەك.

  زۇڭلى مۇنداق دېدى: «چوڭ سودا بانكىلىرى توغرا ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى كەسپىنىڭ تايانچ كۈچىگە ئايلىنىشى كېرەك. بۇ سىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىڭلار! بۇ يىل «ھۆكۈمەت خىزمتىدىن دوكلات» تا مۇنداق دەپ يېزىلدى: چوڭ، ئوتتۇرا سودا بانكىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىي بۆلۈمى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىلدى، دۆلەت چوڭ بانكىلىرى بۇ تەلەپنى باشلامچىلىق ئورۇنداپ، پەرقلىق تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى ۋە قوللاش سىياسىىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر