باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

پۈتۈشكەن توختام قەرز پۇلى 154 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە، كېلىشىم قەرز پۇلى 120 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى

2017.07.17 15:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017 . يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا پۈتۈشكەن توختام قەرز پۇلى 154 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە، كېلىشىم قەرز پۇلى 120 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ قېتىمقى تۈرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، جۇڭگو بانكىچىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ بانكىچىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

  يىغىننىڭ باش تېمىسى «<يىپەك روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، <بەش چوڭ مەركەز> قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش» بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بانكا، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، بانكا بىلەن كارخانا ئارىسىدا كۆپ تەرەپ ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىدىغان مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قىممىتىنى بايقاپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.

  كېلىشىم ئىمزالاش نەق مەيدانىدا ئىمزالانغان قەرز پۇل توختام تۈرى 16 بولۇپ، قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسى 154 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە، مۇددىئا خاراكتېرلىك كېلىشىم 15 بولۇپ، چېتىلىدىغان مۇددىئا قەرز پۇلى 120 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ نەتىجىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە- ئۈنۈملەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى؛ تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان تۈرلەر تىزىملىكى» ۋە «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 5- تۈركۈمدىكى ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى PPP تۈر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون تۈرى، شۇنداقلا تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەر چوڭقۇر ئانالىز قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا ئېلان قىلىنغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان تۈرلەر قاتناش تۈگۈنى، سودا ئوبوروتى، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا ۋە مائارىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان جەمئىي 288 تۈر بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 1 تىرىليون 880 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش باشلانغان تۈر 230 بولۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 420 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن؛ زاپاس تۈر 16 بولۇپ، جەمئىي 211 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن؛ پىلانلانغان تۈر 42 بولۇپ، جەمئىي 245 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

  يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 691 مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياج تۈرى، 848 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياج سوممىسىنى رەتلەپ، يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان. بۇ تۈرلەر بانكا بىلەن ھۆكۈمەت، بانكا بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلەرنى تۈجۈپىلىك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى ئاساس ۋە يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى. تۈرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇلار يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم تىرەكلىك، يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر