باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىمەن

«خۇاديەن» شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور سۇلايمان ياسىن

2017.07.17 15:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، تىلىم بىلەن دىلىم بىردەك بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسىنى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيلىق ساداسىنى ئاكتىپ، ئاڭلىق ياڭرىتىمەن. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ئائىلىسى، گۈزەل شىنجاڭ بىزنىڭ ئورتاق يۇرت- ماكانىمىز. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ باي- قۇدرەتلىك، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قەلبداش بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ۋەيران قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. بۇ ئالاھىدە سىياسىي سىناق ئالدىدا مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقنى مەڭگۈ ساقلاشقا؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي بوي سۇنۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى بايرىقى روشەن ھالدا كۈرەش قىلىشقا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا؛ «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى قەتئىي تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش»نى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشكە؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قەتئىي قوغداشقا يېتەكلەيمەن.

  مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەدە تېخىمۇ سەگەك، سىياسىيدا تېخىمۇ سەزگۈر بولىمەن، مەيدانىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمەن؛ بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى ھايات- ماماتلىق، ھەققانىيەت ۋە رەزىللىك كۈرىشىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تونۇشۇمنى ۋە تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىمەن؛ مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرغا قويغان دۆلەت كارخانىسى رەھبىرى «پارتىيەگە سادىق بولۇشى، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشى، كارخانىنى باشقۇرۇشقا ئۇستا بولۇشى، كارخانىنى گۈللەندۈرۈشكە قابىل بولۇشى، پاك- دىيانەتلىك بولۇشى كېرەك» ۋە «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك» دېگەن سەمىمىي تەربىيەنى يادىمدا چىڭ ساقلاپ، بىر قولۇمدا كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى، يەنە بىر قولۇمدا بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى چىڭ تۇتىمەن؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ساپ بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاق- ئىناق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بارلىق ئەقىل- پاراسىتىمنى ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان مۇتلەق ساداقىتىمنى بىلدۈرىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر