باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرىنىڭ شېكەر كەنتىدىكى بالىلارغا يازغان خېتىدە ئېيتقانلىرى:

باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشايلى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن غەيرەت تۇرغان

2017.07.14 17:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۆيۈملۈك بالىلىرىم، كەنتىمىزدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىمگە ئىككى يىل بولاي دەپتۇ، ئىككى يىلدىن بۇيان قانداقراق تۇرۇۋاتىسلەر؟ يېقىندا ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» تاراتقۇلار ۋە دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ۋە خەلق بىزنىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىزگە ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتە، مەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە تۇرغان يوپۇغا ناھىيەسى تېرىم بازىرىنىڭ شېكەر كەنتىدىكى بالىلارغا كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئېيتىشنى لايىق تاپتىم...

  مەن ئاۋات ناھىيەسىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، مەن ۋە تۆت ئىنى- سىڭلىم پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدۇق، بىز بەش قېرىنداش ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردۇق. مەن سىلەرنىڭ «غەيرەت داداڭلار»، سىلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: سىلەر ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، شۇنداقلا بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كېلەچىكى، ئەگەر ئىدىيەڭلەر ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، بەكمۇ قورقۇنچلۇق ئىش بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان مىللەت، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئۆگىنىشتە تەڭتۇشلىرىڭلارغا يامان ئادەم، يامان ئىشلارغا قارشى چوقۇم دادىل كۈرەش قىلىشنى ئېيتىڭلار؛ يامان غەرەزلىك كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرغاندا، ئۆزۈڭلارنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى دادىل پاش قىلىڭلار؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكەتلەرنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇلارغا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش- كېلىش قىلىپ، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتىڭلار!

  سۆيۈملۈك بالىلىرىم، غايەڭلەرنى ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈڭلار. ئارزۇغا يېتىش ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان، تىرىشىپ ئۆگىنىڭلار، ئۆگىنىشنى دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشتىن باشلاڭلار؛ كىتابنى، بولۇپمۇ ياخشى كىتابلارنى كۆپ ئوقۇپ، مول ۋە چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىمىزنى چۈشىنىڭلار؛ ھەر مىللەتتىن دوستلىرىڭلار بولسۇن، ھەر مىللەت دوستلىرىڭلار بىلەن ئېجىل- ئىناق ئۆتۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇڭلار. مۇشۇ پۇرسەتتە، شېكەر كەنتىدىكى 160 بالا بىلەن ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرمەكچىمەن:

  بىرىنچى، سىلەر بىلەن بىرلىكتە، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارغا قارشى باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ تاشلايمەن، جەمئىيەتكە، مىللەتكە ۋە دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن.

  ئىككىنچى، سىلەر بىلەن بىرلىكتە، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ھالقىلىق پەيتتە چوقۇم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا يېڭىپ چىقىمىز.

  ئۈچىنچى، پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ھەرمىللەت ئاممىنى شۇ بويىچە يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىمەن.

  تۆتىنچى، سىلەرنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېتەكلەپ، سىلەر بىلەن بىرلىكتە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن.

  بەشىنچى، سىلەرنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش ۋە قوللاش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېتەكلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۆز مىللىتىمدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا تەشۋىق- تەربىيەنى ياخشى ئىشلەيمەن، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر