باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانلىق مەلۇماتى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ ئۈچ نۇقتا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ

2017.07.17 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) قاتارلىق مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلايدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قانداق بولدى؟ كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولامدۇ؟ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنامدۇ؟ بۇ قىزىق نۇقتىلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  ئالدىنقى يېرىم يىللىق GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەۋىيەسى قانداق؟

  بۇ يىل 1-پەسىلدە، جۇڭگو ئىقتىسادى ياخشى بولۇپ، GDP ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، ئالدىنقى يىلى 4-پەسىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، بازار كۆزلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  سىرتتىكىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلىيالىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت گوۋۇيۈەن 7-ئىيۇل ئاچقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا بېكىتىلىپ بولغان، يەنى ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

  كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولامدۇ؟

  جەمئىيەت ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن باشقا، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ قانداق سەۋىيەگە يەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملىق GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولغان-بولمىغانلىقى بىر قىزىق نۇقتا بولدى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 7184 يۈەن بولۇپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %7 ئاشقان، كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بۇ بىر قانچە پەسىلدىن بۇيان، ئاھالىلەر كىرىمى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ قايتىدىن GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كېتىشىكەن.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشى بولامدۇ؟

  ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلاتى»دىكى بىر مۇھىم قىزىق نۇقتا.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 3 مىليون 340 مىڭغا يېرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 160 مىڭ كىشى كۆپەيگەن. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش ۋە چوڭ شەھەر-بازارلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 2-ئايدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، بولۇپمۇ چوڭ شەھەر-بازارلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى %5تىن تۆۋەن بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر