- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 13 تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.6 ئاشتى
2017.07.14 16:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خۇاڭ سۇڭپىڭ 13-ئىيۇل گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 13 تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2016-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.6 ئېشىپ، 2011-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىن بۇيانقى يېرىم يىللىق ئەڭ يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى يارىتىلدى.
خۇاڭ سۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاستا بولدى، ئىچكى ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى. تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 13 تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 7 تىرىليون 210 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %15 ئاشقان؛ ئىمپورت قىممىتى 5 تىرىليون 930 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %25.7 ئاشقان؛ سودا ئوڭ پەرقى 1 تىرىليون 280 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %17.7 كىچىكلىگەن.
ئېكسپورت جەھەتتىن قارىغاندا، ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، ئەنئەنىۋى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار يەنىلا ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتى بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىز ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 4 تىرىليون 130 مىليارد يۈەنگە يېرىپ، %14.6 ئېشىپ، ئېلىمىز ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %57.2نى ئىگىلىگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر