باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بالىلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيلى

تۇرپان شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىسى گۈلشات ئەخمەت

2017.07.17 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئائىلە ئىناق بولسا جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، ئائىلە بەختلىك بولسا جەمئىيەت ئىناق بولىدۇ، ئائىلە مەدەنىي بولسا جەمئىيەتمۇ مەدەنىي بولىدۇ. ھەر بىر ئايالنىڭ «ئانا»دىن ئىبارەت ئۇلۇغ نامى بار، ھەربىر ئانا ئائىلىگە، ئائىلە ئىستىلىگە ۋە ئائىلە تەربىيەسىگە ئاساس سالغۇچى، دۇنيا بويىچە ھۆرمەتكە ئەڭ سازاۋەر كىشى. ئاتا- ئانا ئەينەككە ئوخشايدۇ، قانداق ئائىلە تەربىيەسى بولسا، شۇنداق ئادەم تەربىيەلىنىپ چىقىدۇ.

  ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر ئوچۇم مۇناپىقلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل، قىزغىن، باتۇر ئوبرازىغا زور دەرىجىدە داغ تەگكۈزدى. بىز زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭغان «زوراۋان- تېررورچى» دېگەن بەلگىسىنى يىرتىپ تاشلىشىمىز، ئۇيغۇر بالىلىرىنى قەددىنى رۇسلاپ، ئىپتىخارلانغان ھالدا «مەن جۇڭگولۇق! مەن قىزغىن، ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان، باتۇر ئۇيغۇر!» دېيەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  مەن تۇرپان شەھىرىدىكى ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن تارتىپ ھەر مىللەت بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولدۇم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقى قەلبىمىزدە بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ، مېۋە بەردى، خۇددى ئەجدادلىرىمىزدەك ئارىمىزدا ھېچقانداق ئازار بېرىشلەر بولمىدى. مەن ئاددىي بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ رەھبىرىي كادىر بولدۇم، مەن پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ۋە شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولسىلا ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاچا- سىڭىللارنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا باشتىن- ئاخىر قەتئىي ئىشىنىمەن.

  مەن بۇ يىل «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار بىلەن ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى قەيەرگە بارسام شۇ يەردە تەشۋىق قىلىپ، ئاچا- سىڭىللارنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلىدىم. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، غايە، ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ، سەمىمىي ھالدا ئاممىغا تاياندىم، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈردۈم، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇردۇم، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، دۈشمەننىڭ رەزىل نىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاممىغا ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىش تەربىيەسى بەردىم؛ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەشتە ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى، ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تۆھپە قوشتۇم.

  ئاياللار خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۆۋەندىكىلەرنى دېيىش مەجبۇرىيىتىم ۋە بۇرچۇم بار: نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ھەر مىللەت قېرىنداشلار قان- قېرىنداشتەك ئۆتۈپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش ، قەلبداش بولۇپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق ئېچىپ، قۇرۇپ چىقتۇق؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى ۋەتەن بىلەن مەڭگۈ زىچ باغلانغان، بىز مەڭگۈ ۋەتەننىڭ پەرزەنتى، تارىخنى مەڭگۈ يادىمىزدا ساقلاپ، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، قەلبىمىزنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ۋەتەننى، ئائىلىنى سۆيۈش، ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل بولۇش ئارقىلىق بالىلىرىمىزغا ياخشى ئۈلگە تىكلىشىمىز؛ ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئوماق بالىلىرىمىزغا سۇنغان رەزىل قوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشىمىز؛ ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، بالىلىرىمىزدا كىچىكىدىن تارتىپلا مېھىر- مۇھەببەت ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى پارتىيەمىزنى، ۋەتىنىمىزنى، ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيۈشكە يېتەكلىشىمىز؛ بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن تارتىپلا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، توغرا يولدا مېڭىش، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش تەربىيەسىنى بېرىشىمىز؛ ياخشى ئەنئەنىلىرىمىز ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلىنى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشىدىكى ئىللىق ماكانغا، بىزنىڭ ئائىلە شادلىقىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىشىمىزدىكى مېھىر- مۇھەببەت ماكانىغا ئايلاندۇرۇشىمىز؛ بالىلىرىمىزنى ھەرقايسى مىللەت ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشكە، كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ، ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشنىڭ بۆشۈكىنى ئورتاق قۇرۇشقا يېتەكلەپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز، ئائىلىنىڭ تىنچلىقى ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر