باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى 3770 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

كىشى بېشىغا 197 يۈەن/ئاي ئۆستۈرۈلۈپ، ئەتە تولۇقلاپ تارقىتىلىدۇ؛ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2000 يۈەن/ئايغا ئۆسۈپ، 110 يۈەن قوشۇلىدۇ

2017.07.14 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈش لايىھەسى 13-ئىيۇل ئېلان قىلىندى. كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ھازىرقى 3573 يۈەن/ئايدىن 3770 يۈەن/ئايغا ئۆستۈرۈلىدۇ.

  بۇ قېتىم بېيجىڭ شەھىرىدىكى 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىققان، خىزمەتتىن چېكىنگەن، ئارامغا چىققان كارخانا خادىملىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پېنسىيونېرلار» دېيىلىدۇ)نىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشىلىدۇ. تەڭشەلگەن پۇل بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ تولۇقلاپ تارقىتىلىپ، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كارخانا پېنسىيونېرلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

  بۇ يىل پېنسىيونېرلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشتە «نورما بويىچە تەڭشەش» بىلەن «باغلاپ تەڭشەش» ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىلىدۇ. نورمال بويىچە تەڭشەش دېگىنىمىز ئالدى بىلەن ھەر بىر پېنسىيونېرغا ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىك سوممىدىكى پېنسىيە پۇلى بېرىپ، ھەر بىر پېنسىيونېرغا ئايدا 50 يۈەن قوشۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ھازىرقى ئېيىغا 1890 يۈەندىن 2000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 110 يۈەن قوشۇلدى. بۇ قېتىم تەڭشەلگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر