- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى
2017.07.14 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 13-ئىيۇل ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 140 مىليون 520 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2016-يىلدىكىدىن 1 مىليون 310 مىڭ توننا، %0.9 ئېشىپ، تارىختىكى 2-يۇقىرى نۇقتىغا چىققان. بۇنىڭ ئىچىدىكى دانلىق زىرائەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 129 مىليون 480 مىڭ توننا بولۇپ، %0.7 ئاشقان؛ دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدىكى بۇغداينىڭ مەھسۇلات مىقدارى 127 مىليون 350 مىڭ توننا بولۇپ، 1 مىليون 70 مىڭ توننا ئاشقان.
بۇ يىل يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى سەل ئازىيىپ 27 مىليون 410 مىڭ گېكتار بولۇپ، 2016-يىلدىكىدىن 223 مىڭ گېكتار، %0.8 كېمەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە دانلىق زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 23 مىليون 728 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1.2 ئازلىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 23 مىليون 149 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1.0 ئازلىغان.
تېرىلغۇ كۆلىمى سەل ئازلىغان بولسىمۇ، يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى ئاشقان. 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 5126 كىلوگىرام/گېكتارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 89 كىلوگىرام/گېكتار، %1.8 ئاشقان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر