باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى

2017.07.17 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ئىيۇل، بېيجىڭدا ئېلان قىلغان «2017- يىللىق جۇڭگو ئالىي كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنىڭ يىللىق دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردىن 2016- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىم يىلدىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %91.5كە يەتكەن، ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 3599 يۈەنگە يەتكەن.بۇ، جۇڭگوچە ئالىي كەسپىي مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 2016- يىلى مەملىكەت بويىچە 100 ئالىي كەسپىي مەكتەپ دۆلەت ئىچى ۋە (چېگرا) سىرتىدا ئېتىراپ قىلىنىدىغان كەسىپ ۋە كەسپىي ئوقۇتۇش ئۆلچەملىرىنى بەرپا قىلغان، ھەمدە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي سانى 7000دىن ئاشقان.

  ئالىي كەسپىي مائارىپ بولسا، نامرات ئەۋلادلارنىڭ داۋاملىشىشىنى توسۇپ قېلىش داۋامىدا باشقا چارىلەر ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان دەرىجىدە رولىنى جارى قىلدۇردى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى «دېھقان ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر» بولغان ۋە ئالىي كەسپىي مەكتەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪50تىن يۇقىرى بولۇپ، كەڭ يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر