باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پۇقرالارنىڭ ئۇزۇقلۇق پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى، ئالتە چوڭ ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق، ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ

2017.07.14 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پۇقرالارنىڭ ئۇزۇقلۇق پىلانى(2017-2030)» (تۆۋەندە «پىلان» دەپ قىسقارتىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۇقرالارنىڭ ئۇزۇقلۇقى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىدىيەسى، تۈپ پىرىنىسپى، يولغا قويۇلىدىغان تەدبىر ۋە چوڭ-چوڭ ھەرىكەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «پىلان»دا يەتتە تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خىزمەت نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچىسى، ئۇزۇقلۇق قانۇن-نىزامى، سىياسەت-ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزۇقلۇققا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ۋە سىياسەت تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەم بېكىتىش ۋە تۈزىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. ئىككىنچىسى، ئۇزۇقلۇق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن ئۇزۇقلۇق پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇزۇقلۇق ئىلمى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش. ئۈچىنچىسى، ئۇزۇقلۇق ۋە يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر توپىنىڭ ئۇزۇقلۇق ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يود ئۇزۇقلۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى كۈچەيتىش . تۆتىنچىسى، يىمەكلىك ئۇزۇقلۇقى ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئوزۇقلۇق تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش. بەشىنچىسى، ئەنئەنىۋى يىمەكلىك ئوزۇقلۇقى مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىك ئوزۇقلۇقىنىڭ زامانىۋى ئوزۇقلۇق ئىلمىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوخشاشمىغان رايونىنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يىمەكلىك ئوزۇقلۇقى ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش. ئالتىنچىسى، ئۇزۇقلۇق-ساغلاملىق ئاساسىي سان كۆرسەتكۈچىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمتىنى قانات يايدۇرۇش. يەتتىنچىسى، ئۇزۇقلۇق-ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇزۇقلۇق-ساغلاملىق بىلىمىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش پائالىيتىنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇش.

  «پىلان»دا ئالتە تۈرلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئۇزۇقلۇق-ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچىسى، ھاياتلىقنىڭ دەسلەپكى 1000 كۈنلۈك ئۇزۇقلۇق-ساغلاملىق ھەرىكىتى ئارقىلىق ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ئايال، بۇۋاقلار ۋە گۈدەكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق-ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. ئىككىنچىسى، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىنى ياخشىلاش ھەرىكىتى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق تامىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئېغىرلىق ئارتىپ كېتىش، سەمىرىپ كېتىشكە ئارىلىشىش قاتارلىقلارنى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچىسى، ياشانغانلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىنى ياخشىلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپ خىل تەدبىرنى قوللىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىنى ياخشىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، «ساغلام قېرىلىشىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش. تۆتىنچىسى، كېلىنكىلىق ئۇزۇقلۇق ھەرىكىتى ئارقىلىق بىمارلارنىڭ ئۇزۇقلۇق ئەھۋالىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى كۈچەيتىپ، بىمارلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش. بەشىنچىسى، نامرات رايونلاردا ئۇزۇقلۇققا ئارىلىشىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئارىلىشىش، ئالدىنى ئېلىش، تېزگىنلەش، يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەردىن پايدىلىنىپ، نامرات رايولنلاردىكى ئاممىنىڭ ئۇزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش. ئالتىنچىسى، يىمەك-ئىچمەك بىلەن ھەرىكەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنى ئۇزۇقلۇق بىلەن قوللاش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر