باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز تارماق بىرلىشىپ لايىھە بېسىپ تارقاتتى، يېمەكلىككە ئائىت ساختا تەشۋىقاتنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.07.14 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «يېمەكلىك، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئالدامچىلىقى ۋە ساختا تەشۋىقاتلارنى تۈزەش لايىھەسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، مەھسۇلات ئۈنۈمىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تەشۋىق قىلىش ۋە سېتىش، ئىستېمالچىلارنى ئازدۇرۇش ۋە ئالداش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «لايىھە» دە تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك تۈزەش مەزمۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك-ئىچمەك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىمپورت قىلىش قىلمىشلىرى؛ يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە ساختا بەلگە، نام ئىشلىتىش قىلمىشلىرى؛ توردا، يىغىندا سېتىش، تېلېۋىزور ئارقىلىق مال سېتىش، بىۋاسىتە سېتىش، تېلېفون ئارقىلىق سېتىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، يېمەكلىكلەر ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى قانۇنغا خىلاپ سېتىش تەشۋىقاتى، ئالداپ سېتىش قىلمىشلىرى؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئېلانى ۋە قانۇنغا خىلاپ ساختا يېمەكلىكلەر، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئېلانى بېرىش قىلمىشلىرى؛ يېمەكلىكلەر، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە چېتىلىدىغان باشقا ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقات قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلار.

  2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، جايلار مەمۇرىي رايونلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ئورۇنلىرىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، بايقالغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، تاكى تۈزەتمىگىچە بوش قويىۋەتمەيدۇ. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار، ئاخبارات ۋاسىتىللىرى ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، نۇقتىلىق رايونلارنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ. تەكشۈرۈشتە بايقالغان بازىرى قالايمىقان بولغان، تۈزەش تەدبىرى كۈچلۈك بولمىغان ئالاقىدار يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە باشقۇرغۇچى تارماقلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ۋە ئاشكارىلايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر