باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزالارنىڭ كوللېكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزدى

2017.07.14 17:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كوللېكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  يىغىندا ھۆرىگۈل تۇرسۇن، ئەنۋەر ئەبەيدۇللا، نازىگۈل، رەيھانگۈل مۇسا، ۋەلى مەخسۇتتىن ئىبارەت بەش ئەزا سۆز قىلىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا سىياسىي كېڭەش ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى، سودا- سانائەتچىلەر ساھەسى، مائارىپ ساھەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى ۋە دىن ساھەسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر گۈللەنگەن، باي شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىشتەك رەزىل سۇيىقەستنى پىلانلاپ، بىزنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز چوقۇم ئىدىيە ۋە سۆز- ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تىغمۇتىغ جەڭ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  ئەزا، شىنجاڭ «لۇڭبو» مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەنۋەر ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشى، جۈملىدىن «لۇڭبو» شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى. مەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن شىركەتتىكى ھەر مىللەت خادىملارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايمەن ھەم ئەتراپىمدىكى بارلىق ئاكتىپ كۈچلەرنى تەشكىللەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە « ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ قىلىمەن.

  يىغىندا يەنە يىغىنغا قاتناشقان 298 نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دۆلەت بايرىقى ئالدىدا قەسەم بەردى ھەم قەسەم سۆزى يېزىلغان چوڭ پىلاكاتقا ئىمزا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر