باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- بازارلىرىدا يېڭىدىن 336 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئېشىپ، يېرىم يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەر نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى

2017.07.14 17:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- بازارلىرىدا يېڭىدىن 336 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 29 مىڭ ئادەم كۆپ بولۇپ، %9.4 ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىنىڭ %76.4ى ئورۇندالغان.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2017- يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاپ باشقۇرۇش، دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ مۇھىم نۇقتا»نى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھام بەردى. 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەردىن 52 مىڭ 874ى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 18 مىڭ 750 ئىستۇدېنت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارغا «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن بىر كىشىنى 24 سائەت ھەرىكەت ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى دائىملاشتۇرۇپ يولغا قويۇلدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان 27 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئېشىپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىنىڭ %54ى ئورۇندىلىپ، شەھەر- بازارلاردىكى ھەربىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندىمۇ بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى، شەھەر- بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 121 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 مىڭى كۆپىيىپ، %13.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 114 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12 مىڭى كۆپىيىپ، %11.8 ئاشتى؛ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 109 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 مىڭى كۆپىيىپ، %14.7 ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش ئىتتىپاقى» پىلانلىنىپ قۇرۇلۇپ، تۇنجى قارارلىق ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىپ، 300دىن ئارتۇق ئادەم تەربىيەلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر 28 مىڭغا يېتىپ، 64 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىنىڭ %93.3ى ۋە %71.1ى ئورۇندالدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 351 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تولۇقلىما 1 مىليارد 70 مىليون يۈەنگە يەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر