باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى قانۇننى بىر تەرەپ قىلدى

2017.07.14 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە 13-ئىيۇل چوڭ بىكار قىلىش قانۇنىنىڭ ئاچقۇچلۇق قانۇن ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قانۇنىنى ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئايلاندۇرۇش بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى قانۇنىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ياخشى تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت.

  شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان 40 يىلدىن بۇيانقى تارىخىدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك ئون نەچچە مىڭ ماددىلىق قانۇن ئەنگلىيەنىڭ قانۇن سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنغا چېتىشلىق مەزمۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يىل كېتىدىكەن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىش ماقۇللانماسلىقى، باش ۋەزىر تېرىسسا ماي رەھبەرلىك كۈچىگە بولغان زور سىناق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر