باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر مەخمۇت تۇرسۇن

2017.07.14 17:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، بۇ ماكاندا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت خەلق ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئېجىل- ئىناق ئۆتۈپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، چېگرا رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى، ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى جېنىنىڭ بارىچە تەرغىب قىلىپ، مىللەتلەر ئارىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئارقا- ئارقىدىن ۋەقە سادىر قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلققە زىيان يەتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارنى بالا- قازاغا دۇچار قىلىش، بۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ماھىيىتى ۋە قەبىھ ئەپت- بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى. كۆپ قېتىملىق قانلىق ساۋاق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان كەسكىن سىياسىي كۈرەش.

  شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تۆۋەندىكىلەرنى تەشەببۇس قىلىمەن: شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ۋەتەن گۈللەنمىگەن، باي- قۇدرەتلىك بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى؛ بۈگۈنكى بەختىيار كۈنلىرىمىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىدىن كەلگەن؛ بىز ھەربىر ئۇيغۇر ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قوغداپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھايات- ماماتلىق كەسكىن كۈرەشتە، چوقۇم پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىمەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، سىياسىيدا زېرەك بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پوزىتسىيەمنى ئېنىق قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن؛ «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا قىلىۋاتقان خالىس ياردىمىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىمەن؛ ئەتراپىمدىكىلەرگە كۆزىنى يوغان ئېچىش، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: پارتىيەنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىمەن؛ داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ھەم ياخشىلاپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر