- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 13 مىليون 920 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇدى
2017.07.14 17:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ ئايرودۇرۇم باشقۇرۇش گۇرۇھىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭدىكى 15 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئالدىنقى يېرىم يىلدا 13 مىليون 920 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى توشۇغان يولۇچى 10 مىليون 79 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، قولاي ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يولۇچىلارنىڭ مۇھىم تاللىشىغا ئايلىنىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بۇ يىل يېڭىدىن جېڭجۇ- تۇرپان، تيەنجىن- تۇرپان- غۇلجا قاتارلىق ئىچكىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان توققۇز تارماق لىنىيە، قەشقەر- كورلا- قاراماي، قەشقەر- غۇلجا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى يەتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى توشۇغان يولۇچى 3 مىليون 837 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان، قومۇل، قاراماي قاتارلىق ئايرودۇرۇملاردا يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %44تىن يۇقىرى بولدى.
ئۇقۇشىمچە، يېقىندا يەكەن ئايرودۇرۇمىدا، 9- ئايدا چاقىلىق ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇش باشلىنىدىكەن. ساياھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى تىرانسپورت مىقدارى يەنىمۇ مۇقىم ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر