باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

2017.07.13 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسمى بىلەن بېلارۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچكى قوغدىنىش قىسمى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «بىرلەشمە قالقان-2017» ناملىق تېرررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مەشىقى 11-ئىيۇل مىنىسكىنىڭ شەھەر سىرتىدا باشلاندى. بۇ جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تۇنجى قېتىم بېلارۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچكى قوغدىنىش قىسمى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەشىقى.

  جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، گېنېرال مايور ياڭ گۇاڭيۆ باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەشىقى جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىم بىلەن بېلارۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچكى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ھەربىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنىڭ بىر قېتىملىق كونكرېت ھەرىكىتى، مەشىقتىن مەقسەت ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش. بۇ مەشىق ئۈچىنچى دۆلەت ۋە رايونغا قارىتىلمىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر