باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئارمىيەمىزنى ئازايتمايمىز

2017.07.13 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇل مۇنداق دېدى: گەرچە ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى موسۇلنى قايتىدىن تارتىۋالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ھەربىيلىرىنىڭ سانى يېقىندا ئازايمايدۇ.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىكى ئالىي قوماندانى تومسون شۇ كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراقتىكى چوڭ لاگېرى بولغان موسۇلنى قايتىدىن تارتىۋالدى، ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. بىراق، موسۇل تەۋە نىنىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ باشقا رايونلىرى ھەمدە ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ غەربى قاتارلىق جايلار تېخى تەلتۆكۈس ئازاد قىلىنمىدى، ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتى ئاياغلاشمىدى.

  تومسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيە يەنە ئىراقتا بىر قىسىم ھەربىيلىرىنى قالدۇرۇپ، شۇ جايلاردىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەشىقىگە تېخىمۇ كۆپ قاتناشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر