باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە 27 ماھىر مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

2017.07.14 17:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى 27 تەنھەرىكەتچى يېقىندىن بۇيان تىرېنېرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش مەشىقىگە كىرىشىپ كەتتى.

  ئۇقۇشىمچە، چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى 27 تەنھەرىكەتچى بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدە تۆت تەنھەرىكەتچى، جۇدو چېلىشىش تۈرىدە يەتتە تەنھەرىكەتچى، چېلىشىش تۈرىدە 16 تەنھەرىكەتچى بار ئىكەن.

  چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر يى شۆمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمچە چېلىشىش تۈرى بويىچە مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان قىسمەن تەنھەرىكەتچىلەر باشقۇرۇش مەركىزىدە جىددىي مەشىق قىلىۋېتىپتۇ، باشقا تۈرلەر بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر سەۋىيە ئۆستۈرۈش مەشىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خۇنەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا كېتىپتۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ، بىر تۈركۈم ياش تەنھەرىكەتچىلەر يېتىشىپ چىقىپتۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، جۇدو چېلىشىش ۋە چېلىشىش تۈرى بويىچە بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەردىن بىر ھەسسە كۆپ ئىكەن، بۇ ھەم چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى تارىخىدىكى يېڭى رېكورت ئىكەن.

  يى شۆمىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۇختا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ھەرىكەت مەشىقى تەتقىقات ئورنىدىن مەخسۇس مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ، نۇقتىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىدۇق، شۇنداقلا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يارىلىنىشتىن ساقلىنىش بويىچە تەربىيەلەش، مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتتۇق. ھازىر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئىشەنچىمىز كامىل.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر