- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا قاتارنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى
2017.07.14 17:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا مۇنداق دېدى: ۋاشىنگتون قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللېرسون قاتار ۋە ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، ۋاسىتىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىك يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مۇزاكىرەنىڭ يەكۈنىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللېرسون، كېيىنكى باسقۇچتىكى مۇھىم قەدەم ھەر قايسى تەرەپلەر بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش دەپ ھېسابلىدى. ھەمدە بىز، بىۋاسىتە سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر