باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق چوڭ تىپتىكى 10 قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمى يېقىندا قويۇلىدۇ

2017.07.17 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ-چوڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، بىر قاتار چوڭ-چوڭ ئىسلاھات لايىھەلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى. مەركەز ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش ۋە نامايان قىلىش ئۈچۈن «ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى» ناملىق چوڭ تىپتىكى 10 قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەشكىللىگەنىدى. بۇ فىلىم 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر قانىلىدا قويۇلىدۇ ھەم باشقا تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تەڭ قەدەمدە قويۇلىدۇ.

  بۇ فىلىمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ،4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر