- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىسىر ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى تېلېفونلىشىپ لىۋىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى
2017.07.17 15:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىي تۈنۈگۈن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ لىۋىيە كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.
مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئاللاھ يۈسۈپ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سېسىي بىلەن ماكرون بىردەك لىۋىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ھەمدە لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم دەپ ھېسابلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سېسىي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مالىمانچىلىق ۋە كىرىزىسىنى ئاياغلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، دېدى. ماكرون فىرانسىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئىككى تەرەپ دىققەت قىلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە بولۇپمۇ لىۋىيە مەسىلىسىدە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى زۆرۈر دەپ تەكىتلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر