باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى

2017.07.17 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا – خىمىيە تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى سىستېمىسى تورى يېقىندا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى نۇسخىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالى سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ سىستېما ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان ئىكەن. بۇ سىستېما يەنە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى ۋە ئىسىم تەرتىپىگە قاراپ، ‹‹ئورۇن تەرتىپىنى بېكىتىش››نى ئاساس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شۇ ئوقۇغۇچىغا ھەر قايسى دەرىجىدىكى توققۇز تەڭ دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئارزۇ تولدۇرغاندا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلايدىكەن ھەم ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا ئاساسەن شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئۆزى ئارزۇ تولدۇرغان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر