باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى سالىدۇ

2017.07.18 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىدا بۇ يىل 16-ئۆكتەبىر قۇرۇلۇش باشلاش پىلانلاندى. يېڭى مەكتەپ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى سۇجۇ يولىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، شەرقىي ئىككىنچى ئايلانما يولىنىڭ شەرقىدىكى جايغا ئورۇنلاشقان.

  16- ئىيۇل، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ پىلاندىكى ئىگىلىگەن يېرى 1900 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 740 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي تۆت مىليارد 76 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بەش يىلدىن كېيىن بۇ رايوننىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسى ئۆسۈپ، جۇغلانما ئېففېكتى ھاسىل بولۇپ، بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى 1954-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 2016- يىلى مىنىستىرلىق، كومىتت ۋە ئۆلكە بىرلىكتە قۇرغان باشقا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئوخشاش بىر ئالىي بىلىم يۇرتىغا رەسمىي ئايلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر