باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتناش تۈگىنى مەركىزىنى تېزدىن بەرپا قىلماقتا

2017.07.17 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-ئىيۇل بېيجىڭ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ لىنخېدىن بەيگېداغا، گەنسۇنىڭ بەيگېدادىن مىڭشۈيگە ۋە شىنجاڭنىڭ مىڭشۈيدىن قۇمۇلغا بارىدىغان ئۈچ بۆلەكتە قاتناش باشلىنىپ، بېيجىڭ-ئۈرۈمچى تاش يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شەرقىي ئېغىزىنى ئاچتى، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان 2-چوڭ تاش يول قاتناش چوڭ تومۇرى شەكىللەندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىنى دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، نوپۇسى كۆپ، يېرى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، تاش يول، تۆمۈر يول قاتارلىق قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى نىسبەتەن قالاق بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمى بىر قەدەر تۆۋەن، تەننەرخى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى يېڭى پۇرسەتنى كۈتىۋالدى.

  يوللار راۋانلاشتى، سودا قولايلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى تۈرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگىنى مەركىزى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەڭكەش تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا، لەنجۇ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، قازاقىستانغا بارىدىغان ئىككى تۆمۈر يول يۈك، يولۇچى تىرانسپورت يولى، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پورتلىرىغا ئىگە بولدى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا بارىدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىز لىنىيەسى ئېچىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلپىيە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بىر تىرىليون مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 152 مىڭ كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول مۇساپىسى تەخمىنەن 8500 كىلومېتىر كېلىدىغان ئون مىڭ كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ئاساسىي رامكىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 2020-يىلىغىچە، ھەممە ناھىيەلەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول، ھەممە يېزىلاردا ئاسفالت يول، ھەممە كەنتلەردە قاتتىق يول بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ 4410 قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرىگە 757 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن، بۇ يىل ئىچىدە 200 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغنى تاماملايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر