- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى
2017.07.17 16:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى- بىر نىيەتتە ئالغا بېسىپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتايلى» ناملىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. كۆرگەزمە 27-ئىيۇن ئېچىلغاندىن بۇيان قىزغىن قارشى ئېلىندى، كۆرگەزمىنى كۆرگۈچىلەر 120مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ كۆرگەزمە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى» قاتارلىق ئون كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن ھەمدە كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر