باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي سوممىسى 696 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2017.07.17 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۈلۈشكۈن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 696 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان 2018-يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

  مەزكۇر قانۇن لايىھەسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ تەسىس قىلغان ئاساسلىق خامچوت 621 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، چەتئەللەردىكى جىددىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن يەنە 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىلدى. بۇ ترامپ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇمىي سوممىسى 668 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان 2018-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنداقلا 2011-يىلى ماقۇللانغان «خامچوتنى كونترول قىلىش قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن 549 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي راسخوت يۇقىرى چېكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر