باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2010-يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 30 مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بىر ھەسسە ئاشتى

2017.07.18 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى 16-ئىيۇلدىن 17- ئىيۇلغىچە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيشى موڭغۇل-زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئېچىلدى. يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللادىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى 30 مىللىي ئاپتونوم ئوبلاست تېز تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئاساسىي كەسىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى، جامائەت مۇلازىمىتى، شەھەر-يېزا قىياپىتى قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى روشەن بولغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى، مەملىكىتىمىزدىكى 30 ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 720 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2010- يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە قاتلانغان.

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى 30 مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ كۆپىنچىسى چەت، ئىلگىرىكى تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئوبلاستلار يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ساھەسىدە كېيىن تەرەققىي قىلىش بەلگىلىك ئۈستۈنلۈكىنى ھازىرلىدى. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستى «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەش يىلدا جەمئىي 39 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ چىڭخەي ئۆلكىسى گولو ئوبلاستى، يۈشۇ ئوبلاستى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى قۇردى؛ يۈننەن ئۆلكىسى ۋېنشەن ئوبلاستى قاتارلىق يەتتە ئوبلاستقا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇلدى. چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى ئوبلاستى سەيدام ئويمانلىقىدا ئايلانما كەسىپ توپى بەرپا قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات جەھەتتە ئالدىدا ماڭدى.

  مەملىكىتىمىزدىكى 30 مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1/4 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى بىرقەدەر كىچىك، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بىر قەدەر تۆۋەن. 2016- يىلى، دۆلىتىمىزدىكى بىرەرمۇ ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر