باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئىجابىي باھا بەردى

2017.07.17 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «2017-يىللىق جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى پارتىيەلەرنىڭ سۆزلىشىش يىغىنى» ئۈلۈشكۈن رومىنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتتىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ سىياسىي قارارى، پارتىيەلەر ئالماشتۇرۇشى ۋە پارتىيەلەر سۆزلىشىشى ئارقىلىق، بىر بىرىنىڭ سىياسىي تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە يەنىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرنى بۇ تەشەببۇسنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، «16+1 ھەمكارلىقى»نىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  رومىنىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى دراگنىيا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا پارتىيەلىرىنىڭ سۆزلىشىشى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى مۇھاكىمە تېمىسى قىلدى، بۇ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەبىئىي داۋاملىشىشى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى «16+1» ھەمكارلىقىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  ۋېنگىرىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى خولىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش «بىر بەلباغ، بىر يول» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشكە ياخشى پۇرسەت ئاتا قىلدى، بۇ كەلگۈسىدىكى بىر قېتىملىق ئالماشتۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئوبرادوۋىچ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مەقسىتى يول بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزگەن ئاساستا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى «مارشال پىلانى» بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، ئۇ «قوشۇمچە شەرت قويۇلمىغان، بېسىم بولمىغان» يەرشارى ئورتاق تەرەققىياتى كۆزلەنگەن ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان.

  پولشا خەلق پارتىيەسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى مۇنداق دېدى: پولشادىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتا يۈكسەك تونۇشقا ئىگە، بۇ پولشانىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسىغا ئايلىنىشىنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر