باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بۇ يىل يۈز نەچچە كىچىك كۆمۈر كاننى شاللايدۇ

2017.07.17 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ بۇ يىل كۆمۈر سانائىتى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ توننىدىن تۆۋەن 109 كىچىك كۆمۈر كاننى چېكىندۈرۈپ، 9 مىليون 370 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللايدۇ. ھازىرغا قەدەر، 105 كىچىك كۆمۈر كان ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئېھتىياجلىق بولغان كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۆمۈر تەمىناتى ۋە ئېھتىياجى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، 21 كۆمۈر كاندا ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەستىقلىدى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆمۈر كەمچىل رايونلارغا جىددىي كۆمۈر يۆتكەپ، پولات تۆمۈر مەھسۇلاتىنىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان كوكس كۆمۈرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆمۈر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە كان قۇدۇقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر كان سانى 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى 350 تىن، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 270 گە قىسقاردى، ئەمما شىنجاڭنىڭ كۆمۈر سانائىتىدە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا. 270 كۆمۈر كان ئىچىدە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ توننا ۋە ئۇنىڭدىن ئاشىدىغان كۆمۈر كاندىن 70 ى بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 75 مىليون 520 مىڭ توننا؛ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ توننا ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆمۈر كاندىن 200 ى بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 18 مىليون 480 مىڭ توننا، كىچىك كۆمۈر كان سانى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈر كان ئومۇمىي سانىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر