سۈرەتتە: ياڭلىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانىدا كۆرسىتىلگەن «ئۈندىداردا كىنىشكا بېجىرىش» ئىش تەرتىپى (7- ئاينىڭ 17- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئايدىن باشلاپ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ياڭلىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئۈندىداردا كىنىشكا بېجىرىش»نى رەسمىي باشلىدى، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ھەقىقىي ئىسىم بىلەن «شەنشى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىغا تىزىملىتىش ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى توردا قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ھەر ياققا قاترىمايمۇ يىراق مۇساپىلىك ئۇسۇلدا بېجىرەلەيدىغان بولدى، بۇ يېڭىلىق ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شەنشىنىڭ «ئۈندىداردا كىنىشكا بېجىرىش» سىسىتېمىسى 2016-يىلى 11-ئايدا نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، بۇ قولايلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كىنىشكا بېجىرگەن كارخانىلار ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي مىقدارنىڭ %70ىدىن ئېشىپ كەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى