باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ ئىچكى، تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولماقتا

2017.07.17 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەدە بۇلتۇر يۈز بەرگەن ئىشقا ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرى، دىپلوماتىيە ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  15-ئىيۇل-تۈركىيەدە ئىشقا ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پايتەخت ئەنقەرەدىكى نەچچە ئون مىڭ ئادەم پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ياكى دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ياكى قوللىرىغا قازا قىلغۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلىپ، بىر يىل بۇرۇنقى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئاشۇ ئىشقا ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى خاتىرىلەپ، قازا قىلغۇچىلارنى ياد ئەتتى.

  بىر يىل بۇرۇنقى ياز كېچىسى ئاز ساندىكى ئوفىتسېرلار ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇۋۇلداپ، تانكىلار قاتنىدى، 250 گە يېقىن ئادەم توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى. گەرچە سىياسىي ئۆزگىرىش قىسقىغىنا نەچچە سائەت ئىچىدە تارمار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى ئۆمرى قىسقا سىياسىي ئۆزگىرىش-تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرى، دىپلوماتىيە ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە دەرھال جىددىي ھالەتنى باشلىدى ھەم ھازىرغىچە داۋاملاشتۇردى. بىر يىل داۋاملاشقان جىددىي ھالەت-دائىرىلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ھەم زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشىگە قانۇن جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، تۈركىيە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى. ھازىرغىچە، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى، 110 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم خىزمىتىدىن ھەيدەلدى، بۇ ئادەملەرنىڭ نۇرغۇنى ھەربىي، ساقچى قىسىم، ئەدلىيە، ئاخبارات قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتچىلىرى. نۆۋەتتە، ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئالاقىدار تەكشۈرۈش ۋە تازىلاش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  ئەردوئان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلدى ۋە قايتىدىن تەشكىللىدى، جۈملىدىن زۇڭلى مەھكىمىسىگە قاراشلىق قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى ۋە دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋالدى، ئاساسلىق شەھەر مەركەزلىرىگە جايلاشقان ھەربىي بازىلارنى تاقىدى. تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، ئارمىيەنىڭ ھوقۇقى يەنىمۇ كىچىكلىتىلدى، ئەردوئان مۇھىم ھەربىي ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى.

  بۇ يىل 4-ئايدا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتا ماقۇللىنىپ، زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت ھوقۇقى سىستېمىسىدىكى مەركىزىي ئورنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە بولدى. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئاساسەن، 2019-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگىرىپ، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى بىكار قىلىنىدۇ.

  تەھلىلچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەردوئان زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدى، ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش-ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنىڭ ھوقۇقىنى كىچىكلىتىپ، ئەردوغاننىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىدى دەپ كۆرسەتتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان زىددىيىتى چوڭقۇرلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە يەنە رۇسىيەگە يېقىنلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مۇستەقىل، ئەمەلىي، كۆپ مەنبەلىك تەڭپۇڭ بولغان دىپلوماتىيە خاھىشىنى نامايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون سىياسىي دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زور دەرىجىدە تەڭشەشكە باشلىدى.

  ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا جامائەت پىكرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەردوغاننىڭ دېموكراتىيە جەھەتتە كەينىگە يېنىشىدىن ئەنسىرەيمىز دەپ ئوچۇق بىلدۈردى. تۈركىيە غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى بىزگە بولغان ئەقەللىي سىياسىي مەدىتى يېتەرسىز دەپ ئەيىبلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىي سوۋۇشقا باشلىدى.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان دىنىي زات گۈلەن ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈلەننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەكرار رەت قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئارا ئىشىنىشى ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى سىناققا دۇچ كەلدى.

  تۈركىيە بىلەن غەربنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىشكە ئەگىشىپ، ئەردوئان دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى مۇستەقىللىق، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش خاھىشىنى كۈچەيتتى، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلەتتى.

  ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇرۇنقى 2016-يىلى 6-ئايدا، ئەردوئان 2015-يىلى 11-ئايدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. سىياسىي ئۆزگىرىش تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئەردوئانغا تېلېگرامما يوللاپ، تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. پۇتىن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئەردوئانغا تۇنجى تېلېفون بەرگەن چەتئەل رەھبىرى بولۇپ قالدى. شۇندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە پات-پات ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە بىر يۈرۈش ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللاندى.

  تەھلىلچىلەر ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىمۇ چوڭقۇرلاشتى دەپ كۆرسەتتى. تۈركىيە يېقىندا يەنە رۇسىيەدىن S-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقى، ھازىر ئالاقىدار قەرز ئىشىنى كېڭىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئەگەر بۇ كېلىشىم ئوڭۇشلۇق ئىمزالانسا، تۈركىيە رۇسىيەدىن تۇنجى بولۇپ ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر