باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈك ماكانىدىكى كىشىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى تېزلەشتى

2017.07.18 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگودىكى بارىن ئۈرۈكى ماكانى» دەپ نام ئالغان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈكچىلىكى مىسلىسىز تەرەققىياتقا ئېرىشتى، نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيەدىكى ئۈرۈكلۈكنىڭ كۆلىمى 116 مىڭ 700 موغا يەتتى. ناھىيەدىكى %40 كەنتتە ئۈرۈك دەرىخى بار، 90 مىڭ دېھقان بۇ كەسىپ بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شۇغۇللىنىدۇ.

  ھەزرەت ئېلىنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن، بۇ ئىككى يىل بارغانسېرى مەمۇرچىلىق بولدى، ئۇلار بۇنىڭدا دەرەختىكى تىللاغا تاياندى. بۇلتۇر ئۇ ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتى ئۈرۈكچىلىك كەسپىي كوپىراتىپىغا قوشقاندىن كېيىن، بۆلۈشكەن پايدىسىلا بەش مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇندىن باشقا، ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن ئۈرۈكلەرنى ساتقان پۇل ۋە كوپىراتىپتا ئىشلەپ تاپقان پۇللىرى بىلەن ئۇنىڭ ھەميىنى بارغانسېرى تومپايدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى قاتارلىقلارنى كوپىراتىپقا پاي قېتىشىغا ئىلھام بەردى، باشلامچى كارخانىلار، كوپىراتىپلار، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ھەم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدە، 1800 ئائىلىلىك دېھقان بىلەن باشلامچى كارخانىلار، كوپىراتىپلار ۋە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئۆمەكلىشىش ئۇسۇلىدا مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، بىرلىكتە تېرىشىپ، بىرلىكتە بېيىماقتا.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقتۇ ناھىيەسى يەنە ئېكولوگىيەلىك ئۈرۈك ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئۈرۈك چېچىكى سەيلىسى، ئۈرۈك ئۈزۈش سەيلىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كەسىپ بىلەن سەيلىنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا ماڭدى، 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە، 50 ئائىلىدىكى 250 نامرات نوپۇس ئۈرۈك سەيلىسىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر