باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس ھەرىكىتى باشلاندى

پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىۋېتىشتەك قىلمىشلاردىن مەملىكەت بويىچە 500 مىليونى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى

2017.07.18 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىل 3- ئايدا، ج خ مىنىستىرلىقى مەخسۇس ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز بۇزغۇنچىلارنىڭ خايكېر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە تور ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىرغا قەدەر، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە خايكېر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلولىرىدىن مەملىكەت بويىچە پاش قىلىنغان دېلولار 1800گە يەتكەن، 4800 نەچچە جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان، پۇقرالارنىڭ بۇزغۇنچىلار تەرىپىدىن ئاشكارىلىۋېتىلگەن تۈرلۈك شەخسىي ئۇچۇرلىرىدىن 500 مىليونى پاش قىلىنىپ قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىۋېتىش ۋە ئوغرىلاش دېلولىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ خىل دېلولار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلماقتا: بىرىنچىسى، خايكېر ئارقىلىق تور بېكەتلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ۋە پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا قانۇنسىز ھالدا ئىگە بولىۋېلىشتەك جىنايى ھەرىكەتلەر كۆپەيگەن؛ ئىككىنچىسى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئاشكارىلاپ قويۇشى بولسا، ئۇچۇر ئاشكارىلاشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ قالغان؛ ئۈچىنچىسى، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتى بولسا، باشقا ھەر خىل جىنايەتلەرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان جىنايەت بولۇپ قالماقتا.

  ئۇنىڭغا قارىتا، ج خ مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ «مەنبەنى تۇتۇش، سۇپىنى بۇزۇش، زەنجىرنى ئۈزۈش»نى نىشان قىلىشتەك پىلان بويىچە مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەھقىقلەش ۋە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان. نەتىجىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بويان، شەندۇڭ، خۇبېي ۋە جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن بىر تۈركۈم چوڭ دېلولارنى پاش قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر