باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەڭگىۋار مىللەت ئەڭ قورقىدىغان ئۈچ ئىش

2017.07.18 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە خەلق رايىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەڭگىۋار مىللەت رۇسىيەلىكلەر ئەڭ قورقىدىغان ئۈچ ئىش ئايرىم-ئايرىم ھالدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، ھەربىي توقۇنۇش ۋە ساغلاملىق-داۋالىنىش كاپالىتىدۇر.

  رۇسىيە «خەۋەر گېزىتى»نىڭ تور بېكىتىدە پۈتۈن رۇسىيە خەلق رايىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ دېيىشىچە، مال باھاسى ئۆرلەش، نۆۋەتتە رۇسىيەدىكى ئامما ئەڭ ئەنسىرەيدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىش نىسبىتى بۇ يىل 1- ئايدىكى %17تىن %23-27گىچە ئۆرلىگەن. ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا بولغان ئەندىشىسى بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلەش نىسبىتى %19-%20گىچە ئارىلىقتا بولغان.

  جەڭگىۋار مىللەت ئەڭ قورقىدىغان ئۈچىنچى ئىش بولسا، ساغلاملىق ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش تەس بولۇش مەسىلىسى. بۇ يىلدىن باشلاپ، بۇ كۆرسەتكۈچ 0دىن سەككىز پىرسەنت پوئىنتگە ئۆرلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر