باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.07.20 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2015» دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، «13-بەش يىللىق» مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇش، قىيىنچلىقتىن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش قىلىش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، ياسىمىچىلىقتىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاش ۋە ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەرقىي، غەربىي قىسمىدىكى قىسمەن شەھەرلەر ياكى شەھەرلەر توپىدا دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشتا، دىققەتنى تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئالاقە تورى+» بىلەن «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» نى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق سانائىتى بۇلۇت سۇپىسى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئەقلىي ئىقتىدار ۋە يېشىل ياسىمىچىلىق جەھەتلەردە ئاۋۋال يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىر دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىدا يولغا قويغان مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يەر بىلەن تەمىنلەش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىغا كېڭەيتىدۇ ھەم دۆلەت ئىچى كارخانىلىرى ۋە چەت ئەل مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا بىردەك مۇئامىلە قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر