باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىىنستىرلىقى ئالىي مەكتەپ تەنھەرىكەت كوماندىسى تۈرىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتتى

پىرىنسىپ جەھەتتە بەش تۈردىن كۆپ بولمايدۇ

2017.07.21 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىىنستىرلىقى 20-ئىيۇل «مائارىپ مىىنستىرلىقىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسى قۇرۇلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمى، ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىپ، تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تەنھەرىكەت كوماندىسى قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان ئالىي مەكتەپلەردە تەنھەرىكەت كوماندىسى تۈرى پىرىنسىپ جەھەتتە بەشتىن كۆپ بولماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھازىرقى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسى قۇرۇلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي سانى پىرىنسىپ جەھەتتە كۆپەيتىلمەي، ھازىرقى كۆلىمى، ئومۇمىي مىقدارى ئىچىدە مەكتەپ ۋە تۈر قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتى كۈچەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. جايلار ئەسلىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسى ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي مىقدارى رامكىسى ئىچىدە، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇسابىقىگە پايدىلىق بولۇش، جانلىق تەڭشەش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت تۈرى پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇشى كېرەك.

  «پىكىر» دە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇتبول قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات تۈرى، مەكتەپلەردە بىر قەدەر ياخشى ئومۇملاشقان ۋە تەن ساغلاملىقنى كۈچەيتىش ئۈنۈمى ياخشىراق بولغان تۈرلەرنى تەڭشەشكە يۈزلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى كەمچىل ۋە تەنھەرىكەتچى تېخنىكا دەرىجە نامى بولمىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى تەدرىجى شاللىۋېتىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر