باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى:ھىندىستان ھەربىي خادىملىرىنىڭ چېگرا ھالقىشىنى سىياسىي قۇرال قىلىۋالماسلىقى كېرەك

2017.07.19 17:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھىندىستاننى ھەربىي خادىملارنىڭ بېكىتىلىپ بولغان دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىشىنى مەلۇم نىشانغا يېتىشنىڭ سىياسىي قۇرالى قىلىۋالماسلىققا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھىندىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ قانۇنسىز چېگرا ھالقىش ۋەقەسى- خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققىتىنى قوزغىدى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى بۇنىڭدىن چۆچۈدى، بۇنى چۈشىنەلمىدى، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق جۇڭگودىن چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرى بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە يېقىندىن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكى- جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان بېكىتىلىپ بولغان چېگرا. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ماھىيىتى-ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكىدىكى بېكىتىلىپ بولغان چېگرىدىن قانۇنسىز ھالقىپ، جۇڭگو زېمىنىغا كىرىش ۋەقەسى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھىندىستان ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز چېگرا ئاتلىغان خادىملىرىنى چېگرا لىنىيەسىنىڭ ھىندىستان تەرىپىگە قايتۇرۇپ كېتىشى، خاتا يولدا بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر