باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇسسۇل ئارقىلىق نامايان قىلىنغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھى

2017.07.21 14:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە داغدۇغىلىق باشلاندى. سەھنە دېكراتسىيەسىدە گۈزەل ئانار گۈلى پەيدا بولۇپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىل يوپكا كىيگەن نەچچە ئون قىز شوخ ئۇسسۇلغا چۈشتى. بۇ، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئوينالغان «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق تۇنجى ئۇسسۇل ئىدى. نەپىس ئەۋرىشىم ئۇسسۇل ناھايىتى تېزلا مەردانە ئۇسسۇلغا ئۆزگىرىپ، كىشىلەرگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ھېس قىلدۇردى.

  «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسى» ئۇسسۇل ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدا «دۇنياغا شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈش، شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەقسەت ۋە ئىدىيەگە ئەمەل قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل قىياپىتى ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئۇسسۇل ئارقىلىق نامايان قىلىندى.

  ئۇسسۇل بايرىمى بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتتى. ھەر نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ئۆمەكلەر ئون نەچچە مەيدان ئويۇن قويدى، ئۇلار ئارىسىدا كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى نادىر سەنئەت نومۇرلىرى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تىياتىرلىرى بار. تاماشىبىنلار نادىر سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئوخشاش بولمىغان مول ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ھېس قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، يەنە كۆڭۈل- كۆكسىمىزنى تېخىمۇ كەڭ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان قىلدى. شۈبھىسىزكى، بۇ، مەدەنىي، ئىناق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشقا پايدىلىق.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نەچچە يۈز سەنئەتكار شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرى، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر، ئەنئەنە ۋە زامانىۋىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، چىن قەلبىدىن ھېس قىلدى، بۇنداق چوڭقۇر تەسىرات ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇتتى. نۇرغۇن چەت ئەللىك سەنئەتكار ئۈرۈمچىگە دەسلەپتە كەلگەن تەسىراتىنى «ھەيران قېلىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىدى، يەنە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى بەزى سەنئەتكارلار شىنجاڭنى «بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قېلىپ»، ئۇسسۇل بايرىمىغا كۆپ قېتىم قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى چوقۇم ھەر تەرەپكە تارقىلىپ، دۇنيانىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ھەر نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا، شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلارنىڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى سەنئەتكارلار بىلەن بىر سەھنىدە ماھارەت سىنىشىپ، ئۆزئارا بىر- بىرىدىن ئۆرنەك ئالىدىغانلىقى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇستىلار بىلەن ماھارەت سىناشقاندا شىنجاڭلىق سەنئەتكارلار ئۆزلىرىنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كۆرسىتىشنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. 3- نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا ئوينالغان «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» ناملىق ئوپېرادا داڭلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس ئاساسلىق رول ئالغان بولۇپ، قوشۇمچە رول ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ داڭلىق ناخشىچىلار ئىدى. بۇ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي چوڭ ئوپېرا دۆلەتنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 4- نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سەنئەت ئۆمىكى ئورۇنلىغان «چۆلگە بېغىشلانغان ياشلىق» ناملىق نومۇر تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، بۇ نومۇر كېيىن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇل كۆرىكىدە كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن شىنجاڭلىق ناخشىچى، ئۇسسۇلچى ۋە مۇزىكانت شىنجاڭدىن چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئويۇن قويدى، بەزىلىرى يەنە چەت ئەللەردىكى چوڭ سەھنىلەرگە چىقتى. جاھان ئەھلى ئۇلارنىڭ قالتىس بەدىئىي ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا قاراپ، شىنجاڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە توختىماي ئاپىرىن ئېيتتى.

  ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ كارتىنىسى. 2013- يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئۇدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئارقىدىنلا جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى، ئاسىيا- ياۋروپا كىنو كۆرگەزمىسى، ئاسىيا- ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم- كېچەك بايرىمى قاتارلىق بىر يۈرۈش خەلقئارالاشقان مەدەنىيەت- سەنئەت كۆرگەزمىلىرى كەينى- كەينىدىن ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى قۇرۇش نىشانى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئاپتونوم رايون يېقىندا يادرولۇق رايون مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى(مائارىپ بۆلىكى) قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى، يىراق مەزگىللىك پىلان كۆز ئالدىمىزدىكى روشەن مەنزىرىگە ئايلىنىپ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

  مۇخبىر 7- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىكى مىغ- مىغ ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئارىسىدا شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن باشقا، پاكىستان، ياپونىيەدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە ياۋروپادىن كەلگەن سېرىق چاچلىق، كۆك كۆزلۈك ساياھەتچىلەرنى كۆردى. بۇنداق خەلقئارالاشقان مەنزىرە كىشىگە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزىنىڭ بىزگە بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئوينالغان «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق نومۇر ئاخىرلىشىش ئالدىدا، بارلىق ئۇسسۇلچىلار شوخ زامانىۋى ئۇسسۇلغا چۈشتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ شوخ ۋە مەردانە ئۇسسۇل قەدىمى بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

  ئۇسسۇل بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى. بىز 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر