باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمى كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋاڭ شىجياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2017.07.24 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋاڭ شىجياڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  ئېنىقلىنىشىچە، ۋاڭ شىجياڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دەلىل–ئىسپاتلارنى يوشۇرۇپ،تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، تەۋەلىكىدىكى ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ۋە مېھمانساراي ياتىقىنى ئۇزاققىچە ئىشلەتكەن؛ تەشكىلىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش ۋە تەيىنلەش جەھەتتە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم باشقىلاردىن مال–مۈلۈك قوبۇل قىلغان، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش جەھەتتە مەنپەئەت يەتكۈزگەن؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىغا تىجارەت ئىشلىرىدا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ خۇسۇسىي نەپ ئېلىشىغا سۈكۈت قىلغان، سوۋغا پۇل قوبۇل قىلغان، نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ تېخى بازارغا سېلىنمىغان پېيىغا ئىگە بولىۋالغان، جامائەتنىڭ مال–مۈلكىنى خالىغانچە بۇزۇپ–چاچقان ۋە ئىسراپ قىلغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر