باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئون مىليارت يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇردى

2017.07.24 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پايتەختتىن خوتەنگىچە قاتمۇ-قات تاغلار بولۇپ،ئارىلىقى يىراق. 20 يىلدىن بۇيان، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىككى جايدىكىلەرنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇردى، بېيجىڭ شەھىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 9 تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقتىن 1421 كىشىنى كوئىنلون تېغى باغرىغا ئەۋەتىپ، تەكلىماكان قۇملىقى بويىغا مۇھەببەت ئۇرۇقى چاچتى، پارتىيە مەكىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە پايتەخت خەلقىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، دوستلۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.

  2010-يىللىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بېيجىڭ شەھىرى ياردەم بېرىش تۈرىدىن 873نى يولغا قويدى، مەركەز سىياسىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 9 مىليارت 940 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى. ئوخشاش مەزگىلدە، پىلان سىرتىدا مالىيە مەبلىغىدىن 480 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر ئىئانە قىلغان پۇل 270 مىليون يۈەنگە، نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى 10 مىليارت 690 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە خوتەننىڭ ھەممىلا يېرىدە بېيجىڭنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، زامانىۋىلاشقان خوتەن ناھىيەسى بېيجىڭ ئالىي ئوتتۇرا مەكتىپىدىن قاراقاش ناھىيەلىك بېيجىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە، خوتەن شەھىرى بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدىن قاراقاش ناھىيەلىك ئۇيغۇر تىبابەت توختۇرخانىسىغىچە، يەنە كېلىپ لايىھەلەش نۇقتىئىنەزىرى ئىلغار بولغان، ئىقتىدارى تولۇق بولغان خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىگىچە، شۇ جايدىكىلەر جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ھەر بىر خەلق تۇرمۇشى تۈرى كەينى- كەينىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  29 ياشلىق باھارگۈل توختى بەش بالىنىڭ ئانىسى. بۇندىن بۇرۇن ئۇ ئۆيىدە بالىلىرىنى بېقىپ ئولتۇراتتى. ئۇ مەن كەسپىي ئىشچى بولغاندىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دېدى.

  خوتەن چيۇشى كوئىنلون قار بىيو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ كەسپىي جەھەتتەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن كارخانا. 2016-يىلىنىڭ بېشىدا خوتەندە ماكانلاشتى، زاۋۇتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئارقىلىق، تاشلىۋېتىلگەن، مۇھىت بولغايدىغان قوي ئۆچىيىنى خام ئەشيا قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، گېپارىن،ئۆچەي پەردىسى ئاقسىلى، مىكروئېكولوگىك ياسالمىلاردىن ئىبارەت يۇقۇرى كۆپەيمە قىممەتلىك مەھسۇلاتلارغا ئېرىشتى. ھازىر بۇ زاۋۇت دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى 400 مىليون يۈەن ئاشۇردى، مىڭ قوي ئۆچىيى سېتىۋېلىش كەسپى ئائىلىسىنى يۆلىدى، شۇ جايدىكى 450 دېھقان چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، باھارگۈل ئۆيىدىكى ئىككەيلەن 9500 يۈەن مائاش ئالدى. شۇ كۈنى ئىككەيلەن بىر موتسىكلت سېتىۋالدى، يەنە ئۈچ قوي سېتىۋېلىپ ھېيتنى خوشال-خورام ئۆتكۈزدى.

  بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھازىر 62 كارخانا خوتەنگە ماكانلاشتى، تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 10 مىليارت 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. تۈرلەرگە قۇبۇل قىلىش،كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق 118 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاستە ۋە ۋاسىتىلىق تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر